خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 1995 - يىلى تىبەت روھانى دالاي لاما تەرىپىدىن 11 - بەنچەن لاما، دەپ ئېلان قىلىنغان گېدۇن چوكىي نيىمانىڭ سىياسى مەھبۇس ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە بەنچەن لامانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك سىياسى مەھبۇس، دەپ ئېلان قىلغان سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى گېدۇن چوكىي نيىمانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلىپ باقمىدى. تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى 1995 - يىلدىن بېرى مەخپىي بىر جايدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. گېدۇن چوكىي نيىما ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندە تېخى ئەمدىلا 6 ياشتا بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ يېشى 17 گە كىردى.
تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يېقىندا ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك سىياسى مەھبۇس، دەپ جاكارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ھازىرغىچە بۇ بالىنى چەتئەل ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى بىلەن ئائىلىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوچراشتۇرمىغان. "سۈرگۈندىكى تىبەت بۆلگۈنچى ئامىللىرى ۋە بەزى چەتئەل تەشكىلاتلىرى گېدۇن چوكىي نيىمانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك سىياسى مەھبۇس، دەپ ئۆسەك تارقاتماقتا،" دەپ ئەيىبلىگەن دۆلەت كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە تىبەت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش،" دەيدۇ.
باياناتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېدۇن چوكىي نيىمانىڭ سالامەتلىكى ياخشى، خوشال- خورام ياشاۋاتقان بولۇپ، مەدەنىيەت تەلىم تەربىيىسى ئالماقتا، ئىكەن. ئۇ، دالاي لاما تەرىپىدىن تىبەتنىڭ 2 - چوڭ دىنىي داھىيسى، دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ بالىنى "بەنچەن لامانىڭ ۋارىسى ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر تىبەتلىك بالا،" دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1995 - يىلدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا بىر تىبەتلىك بالىنى بەنچەن لاما، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دالاي لاما ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. (ئەركىن)
