سۈرگۈندە ياشايدىغان تىبەتلەر شەنبە كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرىنى سايلاش ئۈچۈن بىلەت تاشلايدۇ. بۇ 1959 - يىلدىن بېرى چەتئەلدە ياشاپ كېلىۋاتقان تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ 2001 - يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە سۈرگۈندىكى تىبەت باش مىنىستىرىنى سايلاش ئۈچۈن 2 - قېتىم بىلەت تاشلىشىدۇر.
تىبەت سايلام كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تەنزىن د. ئاندۇرساڭ تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ دارامسالادىكى قارارگاھىدا مۇخبىرلارغا " بۇ تىبەتلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر سايلام " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سايلام يېشىغا توشىدىغان 72 771 نەپەر تىبەتلىك بىلەت تاشلاش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان. نۆۋەتتە كۆپ قىسىمى شىمالىي ھىندىستاندا ياشايدىغان تەخمىنەن 140 مىڭدەك تىبەتلىك چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ ياشىماقتا. سايلام كومىتېتى ھىندىستان، نېپال، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن قاتارلىق ئەللەردە جەمئىي 53 بىلەت ساندۇقى تەسىس قىلغان.
سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىقىنى نامزاتلاردىن ساڭدوڭ رېنپوچى بىلەن جۇچېن تۇپتېنلار تالىشىۋاتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، ساڭدوڭ رېنپوچىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. ساڭدوڭ رېنپوچى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " جۇڭگو ئاساسىي قانۇنى بويىچە خوڭكوڭ ۋە ماكاۋلارغا بەرگەن ئاپتونومىيىنى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرسىمۇ بولىدۇ" دەيدۇ.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلام دالاي لامانىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى دېموكراتىك ئورگانلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئەركىن)
