تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لامانىڭ ئەلچىسى چارشەنبە كۈنى، دالاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تىبەتنىڭ كەلگۈسى مەسىلىسىدە جىددىي ۋە ئوچۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما ئەلچىسى لودى جيارى (Lodi Gyari) نىڭ رەھبەرلىگىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەن.
لودى جيارى چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سۆھبەت تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە تۈپتىن ئوخشىمىغان قاراشتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
دالاي لاما ئەلچىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2002 - يىلىدىن باشلاپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ 3 قېتىم ئۇچرىشىپ بولدى. (پەرىدە)