تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان 5-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ سۆھبەتكە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دالاي سۆزىدە، " خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ، تىبەتنىڭ ئافتونومىيىگە ئېرىشىشىگە يول ئاچتى" دېدى.
دالاي يەنە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ توغرا يۆنۈلۈشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5- قېتىملىق سۆھبەتنىڭمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭ ئالدىدا تىبەتتىكى 10 مىڭغا يېقىن تىبەتلىك ۋە 200 نەپەر خىتاي ئۆتكەن ئاي ھىندىستانغا بېرىپ، دالاي لامانىڭ رىياسەتچىلىگىدىكى چوڭ بۇددا دىنىي يىغىنىغا قاتناشقان. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى "خىتاينىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ ھىندىستانغا تاۋاپ قىلىشىغا بۇنداق كەڭچىلىك قىلىشى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 5-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دېدى. (پەرىدە)