بېيجىڭ دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېي شياۋۋېن ئەگەر دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

يېي شياۋۋېن بۇ سۆزلەرنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 20 - ئاپرىل كۈنى ئاق سارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتقان بىر چاغدا تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت بۇش يېقىندا خۇ جىنتاۋ بىلەن تىبەت مەسىلىسىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، شياۋۋېننىڭ سۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىغا قايتۇرغان ئىجابىي ئىنكاسى، دەپ قارىماقتا.

دالاي لاما ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىش ۋە بۇ دۆلەتتىكى مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى تاۋاب قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ھەم بۇ ئارزۇسىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يېي شياۋۋېن، "جۇڭگو گېزىتى" گە "دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كەچكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ۋاز كەچمىسە ئۇنىڭ زىيارىتىنى ئويلىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ.

دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى يېي شياۋۋېننىڭ سۆزىگە "ئىجابىي ئىنكاس" دەپ باھا بەردى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەيلى دالاي لاما ياكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تىبەتكە مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى، دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئەسكەرتىپ كەلمەكتە،دېدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، "ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن." (ئەركىن)