بېيجىڭپەرەس تىبەت رەھبىرى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش يوق دېدى


2006.07.05

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بېيجىڭپەرەس تىبەت رەھبىرى، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە "ھېچقانداق ئەمەلىي ئىلگىرىلەش يوق" دەپ بىلدۈرۈپ، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانى خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دېدى.

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چامپا پۇنتسوك 4‏-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلالماسلىقىغا دالاي لامانى سەۋەبچى دەپ ئەيىبلەپ، " دالاي تىبەت رايونىنىڭ رەسمىي مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدۇ" دېدى.

ئەمما دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ترۇپتېن سامپال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ' نەتىجىلىك بولدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى' دەپ باھالىغان.

تىبەت ئاپتونوم رايون رەئىسى چامپا پۇنتسوكنىڭ دالاي ھەققىدىكى باياناتى، تىبەتلىكلەرنىڭ چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى ئېچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، دالاي لاما گەرچە ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 56 يىلدىن بۇيان چەتئەللەردە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2002‏- يىلى قايتا باشلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى ئامال بار مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.