خىتاينىڭ 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى شىزاڭ-شىنجاڭ قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى 11- بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر تۈر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتتىكى 20 دىن كۆپ ئائىلىگە توك تۇتاشتۇرۇلغان كەنتلەرنى چوقۇم رادىئو ۋە تېلېۋىزورنى قوبۇل قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنىدىكەن.
خىتاي يەنە، خىتاينىڭ رادىئو ۋە تېلېۋزىيە سېگناللىرىنى تارقىتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى نۆۋەتتىكى 5 يىللىق پىلانىغىمۇ ئالغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا چەتئەللەردىكى رادىئو ئىستانسسىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا رادىئو-تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ھەر قايسى قاتلاملارغىچە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. (پەرىدە)
