گەرچە تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلغىنىغا 50 يىلدىن ئارتۇق بىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەت خەلقى ھېلىمۇ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيسى دەپ تونۇيدىكەن
روئېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - ئاۋغۇست كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لاسادىن خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلغىنىغا 50 يىلدىن ئارتۇق بىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەت خەلقى ھېلىمۇ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيسى دەپ تونۇيدىكەن. ھەتتا تىبەتتىكى بەزى سىياسىي ۋە دىنىي ئەربابلارمۇ دالاي لامانىڭ تىئەتتىكى تەسىرىنى ئىنكار قىلمايدىكەن ۋە دالاي لاما تىبەت خەلقىنىڭ دىنى رەھبىرى بۇ بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس دەيدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرىنى يۇقىتالمىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۈچ يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان.
ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۆت قېتىملىق سۆھبەتتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كېت ساندەرسنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن ھازىرغىچە بىر نەتىجە چىقمىغان بولسىمۇ، بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ باشلىغانلىقىنىڭ ئۆزى تىبەت مەسلىسىدە چوڭ بىر بۇرۇلۇشنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)