خىتاي ساقچىلىرى ، ئىككى مۇخبىر ۋە ئىككى چەتئەللىك تىبەت پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالدى
2004.08.30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە ، دۈشەنبە كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى بىر باغچىدا ، تىبەت مۇستەقىللىىقىغا ئىرىشمىگىچە خىتايغا ئۇلىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھۇقۇقى بىرىلمەسلىكى كىرەك دىگەن لۆزۇنكا ئاچقان ئىككى چەتئەللىك تىبەت پائالىيەتچىسى ۋە ئىككى مۇخبىر نى قولغا ئالغان .
ئاۋسترالىيە دىكى تىبەت كېڭىشىنىڭ خادىمى پال بوركە نىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي ساقچىلىرى ئاۋستراليە ۋە ئامېركا گراژدانى بولغان ئىككى تىبەت پائالىيەتچىسىنى تۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان . ئۇنىڭ ئىتىشىچە ، “ تىبەت مۇستەقىلىققا ئىرىشمىگىچە ، خىتايغا ئۆلىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھۇقۇقى بېرىلمەسلىكى كىرەك دىگەن شۇئار يىزىلغان بىر لوزونكىنى ئاچقانلىغى ئۈچۈن مەزكۇر ئىككى تىبەت پائالىيەتچىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغانلىغى ، خىتايدا پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى ھىساپلىنىدۇ .
تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە جەريانىدا ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گوۋاردىيان گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى قاتارلىق ئىككى چەتئەللىك مۇخبىرىمۇ قولغا ئىلىنغان .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، گىرىتسيىنىڭ پايتەختى ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاياقلىشىشى بىلەن ، -2008 يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆلمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئارقىغا ساناش باشلاندى بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتىلىرىمۇ خىتايغا قاراتقان پائالىيەتلىرىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتمەكتە .(قانات)