دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا يولغا چىقتى


2004.09.12

يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىككى ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قۇرۇلغان دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ، دالاي لامانىڭ ئىككى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى بىلەن گېلساڭ گيالتسېننىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان بەزى رايونلارغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، دالاي لاما ئۆز ۋەكىللىرىنىڭ خىتاينى قايتا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان .

ئۇ ، دالاي لاما خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تىبەت مەسىلىسى بويىچە ئەمىلى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى . دالاي لاما ۋەكىللىرى يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا 8 - سېنتەبىر كۈنى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭدىن يول-يورۇق ئالغان . خىتاي ھۆكۈمىتى ، 1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن دالاي لاما بىلەن 1979 - يىلى تۇنجى قېتىم مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ 4 قېتىم تىبەتنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان . بېيجىڭ دائىرىلىنىڭ 1993 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبىتى ، 2002 - يىلى 9 - ئايدا ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.