خىتاي كېچىككەن بولسىمۇ، تىبەتنىڭ پايتەختىنىڭ ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ


2004.09.20

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ پايتەختى لاسانى ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئۇسلۇبى بويىچە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت باشلىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاسانىڭ قەدىمىي ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداش ھەرىكىتى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، لاسانىڭ ئىككى ئاساسلىق كوچىسىدىكى بىنالار تىبەت مىللى ئۇسلۇبىدا ياساپ چىقىلىدىكەن.

لاسادا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پىلانسىز شەھەرلىشىش ۋە شەھەر نوپۇسىنىڭ تىزدىن ئېشىشى، لاسانىڭ مىللىي ۋە تارىخىي خاراكتېرىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە سەۋەپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاسانىڭ ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش ۋەزىيەتنى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ بايقاش مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ مىللى خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەتتا قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر قەدىمىي ۋە تارىخىي شەھەرلىرىمۇ ئۆزىنىڭ مىللى خاراكتېرىنى يوقىتىش تەھدىدى ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ. يېقىندا قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامائەسى ئەتراپىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر بازار ۋە مەھەللىرىنىڭ ئورنىغا ئىگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ سېلىنىشقا باشلىغانلىغى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتنىڭ پايتەختى لاسانىڭ ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ مىللى خاراكتېرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.