بېيجىڭ تەيىنلىگەن بەنچەن لاما كوممۇنىستىك پارتىيىنى مەدھىيىلىدى


2004.09.26

بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيىنلەنگەن تىبەتنىڭ 2 - چوڭ روھانى داھىيسى 11 - بەنچەن لاما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەتتىكى سىياسىتىنى مەدھىيىلىدى. بۇ يىل 14 ياشلاردىكى گيانسايىن نوربۇ، تىبەتتىكى لامالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەتتىكى دىنىي سىياسىتىنى ماختىغان.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ زۇۋانى شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. بۇ يىل 8 - ئايدا تىبەتكە بارغان گيانسايىن نوربۇ، ھازىرغىچە تىبەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىبادەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. كۈزەتكۈچىلەر، بېيجىڭ دائىئىرىلىرىڭ بۇ ھەركىتىنى گيانسايىن نوربۇنىڭ تىبەت خەلقى ئىچىدىكى ئىناۋېتىنى تىكلەش تىرىشچانلىقى دەپ باھا بەردى.

10 - بەنچەن لاما ئۆلگەندىن كېيىن تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى روھانى داھىسى دالاي لاما تىبەتتىكى گېدۇن چوكىي نيىمانى 10 - بەنچەننىڭ ۋارىسى دەپ جاكالىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى گېدۇن چوكىي نيىمانى قولغا ئېلىپ، گيانسايىن نوربۇنى 10 - بەنچەننىڭ ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما تەيىنلىگەن 11 - بەنچەننى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرماقتا. تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەنەنىسى بويىچە بەنچەن لاما دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسىنى تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە. تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى سۈرگۈندىكى روھانى داھىسى دالا لاما بولسا 70 ياشقا كىرىپ قالغان. بىراق دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بەنچەن لامانى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇلار دالاي لاما تەيىنلىگەن قاماقتىكى گېدۇن چوكىي نيىمانى بەنچەن لامانىڭ ھېقىقى ۋارىسى دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.