ئۈچ نەپەر تىبەتلىك مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىش گۇمانى بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى


2004.09.28

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ كارىدزى تىبەت ئاپتۇنۇم ئوبلاستى دىراكگو ناھىيىسىدىكى چوگرى بۇتخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر راھىبى توپدىن ۋە دىزوكار، شۇنداقلا تىبەتلىك لوبساڭ سېرىڭ بۇ يىل 8 - ئايدا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ كىشىنى 7 - ئايدا ھۆكۈمەت بىناسىغا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر يۈرۈش تەشۋىق ۋاراقلىرىنى چاپلىغان دەپ ئەيىپلىگەن. ئەمما بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىبەت بۆلۈمىگە ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چوگرى بۇتخانىسىنىڭ شىۋىتسىيىدىن كەلگەن تىبەتلىك راھىب دىراكسىي رىنپوچىنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان 60 نەچچە كىشىنى نەق مەيداندا تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۈچ كىشىمۇ تۇتۇلغانلار ئارىسىدا ئىكەن.

چەتتىن كەلگەن راھىپنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشمۇ گۇناھ

مەزكۈر كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، نۆۋەتتە نىپالدا تۇرۇشلۇق بىر تىبەتلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:

- ئۇ قېتىمقى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مېھمانلار دىنىي بايراقلارنى كۈتەرگەنتى. بەزى بايراقلارغا قارلىق چوققىدىكى شىرنىڭ ئېتىلىپ تۇرغان سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ سۆرەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن تىبەت دۆلىتىنىڭ بايرىقىغا ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ.

يۇقۇرى جەرىمانە قويۇلغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئويىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا تۇتۇلغان كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بەزىلەرگە 6000 يۈەن جەرىمانە قويغان. يەنە بەزىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە قاتتىق تاياق يەپ، ماڭالماي قالغان. شىۋىتسىيىدىن يۇرتىغا كەلگەن راھىب دىراكسىي رىنپوچى ئەسلىدە خىتايدا ئىككى ئاي تۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، قولغا ئېلىش ۋەقەسىدىن كىيىن پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىۋىتسىيىگە قايتقان.

توپدىن قاتارلىق ئۈچ نەپەر راھىبنىڭ دىلوسى ھەققىدە رادىئويىمىز تىبەت بۆلىمىنىڭ مۇخبىرى سىچۈەننىڭ دىراكگو ناھىيىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا تېلىفون قىلغىنىدا، تېلىفوننى ئالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ دىلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ دىلونىڭ "مەخپىيەتلىك" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەنگەن

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقوق ئەمەلدارى سامبدىن ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، خىتايدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاتى ئۈچۈن باستۇرىلىدىغان، ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىغان ئەھۋاللىرىنىڭ ئىنتايىن ئومومىيلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. تىبەتتىمۇ شۇنداق. يېقىندا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۈچ تىبەتلىك پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغلاشقان. تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغان ئەمەس. چۈنكى دالاي لاما ئاللىبۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن. دالاي لامانىڭ بۇ گەپلىرى ئىنتايىن جىددى تۈس ئالغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۆزلىرى تۇرمۇشتا ئۇچراۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىلا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قۇبۇل قىلماي، پۇقرالارنىڭ دەردىگە يەتمەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان 2003 - يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقوق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە سىياسىي مەھبۇسلارنى تۇتۇش ۋە قاماش ئەھۋاللىرى 1996 - يىلى ئەۋج ئېلىپ يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كىيىن نۆۋەتتە بىراز ئازىيىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بىراق سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ بەزى جايلىرى ، بولۇپمۇ ئىلگىرى تىبەتنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى كاردزى تىبەت ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدا، سىياسىي مەھبۇسلار سانىنىڭ بارغانسىرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەزكۈر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى يەنىلا ناچار ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.