ئانالىزچىلار دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە


2004.09.29

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئانالىزچىلار دالاي لاما ئەلچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تىبەت دەۋاسىنىڭ ھەل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لودىي گەرىي باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 12 - سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قاراتقان ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنگلىيىدىكى تىبەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كەيىت سائوندىرس (Kate Saunders) نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئىككى قېتىملىق زىيارىتى پەقەت ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش باسقۇچى بولغان. بىراق بۇ قېتىم تىبەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا تۇرۇشلۇق تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى توپدىن زىمپىل، لودىي گەرىي باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىبەت مەسىلىسى بويىچە ئەمەلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە نېمە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.