نىپال ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى نىپال ئارقىلىق ھىندىستانغا قاچماقچى بولغان 27 نەپەر تىبەتلىك مۇساپىرنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،تىبەتلىك 25 ئەر ۋە ئىككى ئايال ئۆتكەن ئايدا ھىمالايا تاغ تېزمىسىدىن پىيادە ھالقىپ نىپالغا قېچىپ كەلگەن . نىپال ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى قانۇنسىز ھالدا چىگرادىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى قولغا ئالغان.
نىپال ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇتۇلغان بۇ تىبەتلىك مۇساپىرلارنى ب د ت نىڭ نىپالدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەر يىلى نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك نىپال ئارقىلىق دالاي لاما تۇرۇشلۇق ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا قېچىپ بارىدۇ.
بىراق نىپال ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى تىبەت ئارقىلىق نىپالغا قېچىپ بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى قوبۇل بولغان شىرئەلى قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى شىرئەلىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)