تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالىسا،ئۇ ھالدا تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغىنى پايدىلىقتۇر دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى دەۋر ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، "گەرچە تىبەتنىڭ يېرى كەڭ، تەبىئىي بايلىقى مول بولسىمۇ، ئەمما بىزدە ئۇنى ئېچىپ پايدىلانغىدەك پەن - تېخنىكا يوق. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ، مۇھىتىمىزنى ئاسراشقا كاپالەت قىلسا، تىبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغىنىدا، بىز تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئىگە بولىمىز" دىگەن.
دالاي لاما سۆزىدە يەنە، خىتايدىن بۆلۈنۈشنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىي ئەنئەنىلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئەمىلىيەتتە خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن دەپ كۆرسەتكەن.
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يەنىلا "بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىپلەيدۇ. (ئارزۇ)