بىر تىبەت يازغۇچىسى دالاي لامانى مەدھىيلىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئايرىلدى
2004.10.28
باش شتابى ئامېرىكىدىكى " خىتاي كىشىلىك ھوقوق" تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتلىك داڭلىق ئايال يازغۇچى ئوسەر يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەسىرى سەۋەبىدىن خىزمىتى، ئۆيى ۋە ھەركەت ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان.
مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوسەرنىڭ ئەسەرلىرىدە سىياسىي خاتالىق بار، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ ئوبرازىنى گۈزەللەشتۈرگەن دەپ قارىغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە ئۇنىڭ " تىبەت خاتىرىسى" دىگەن كىتابىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ھەمدە بۇ كىتابنى چەكلىگەن.
" خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى"نىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئوسەرنى تىبەت بۇددا دىنىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بېسىم ئىشلىتىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، تىبەت يازغۇچىسى ئوسەر نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە پاناھلىنىۋاتقان ئىكەن.
" خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوسەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق قانۇنلىرى ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىدى. ئوسەر خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ساناقلىق تىبەت يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، ئاۋىستريە دالاي لاماغا بېغىشلانغان پوچتا ماركىسىنى بىكار قىلدى
- دالاي لاما تىبەتنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە سۆز قىلدى
- دالاي ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى
- تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار چىڭخەيدە نامايىش ئۆتكۈزدى
- نىپال ھۆكۈمىتى 27 تىبەتلىك مۇساپىرنى قولغا ئالدى
- دالاي لاما: خىتاي يادرو تاشلاندۇقلىرىنى تىبەتكە تۆكۈۋاتىدۇ
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 3 - قېتىم بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلدى
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدىن دارامسالاغا قايتتى
- ئانالىزچىلار دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە
- ئۈچ نەپەر تىبەتلىك مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىش گۇمانى بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى