دالاي خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت راھىبىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى


2004.12.02

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تىبەت راھىبىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت راھىبى 52 ياشلىق تېنزېن دېلېگ رىنپوچىغا بەرگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توشىدىغان بولۇپ، دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

دالاي سۆزىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ئىلگىرى بەزى مەسىلىلەرگە قايتا ئويلىشىش پۇرسىتى ياراتقان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ تىبەت راھىبى رىنپوچىنىڭ مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.

ئادەتتە خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەمما تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى سەزگۈر تېما ھىسابلانغاچقا، رىنپوچىنىڭ مەسىلىسى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 12 - ئايدا تېنزىن رىنپوچى بىلەن 28 ياشلىق لوبساڭ دوندۇپقا سىچۇئەننىڭ گەنزى دىگەن يېرىدە پارتلىتىش سادىر قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇنداقلا، لوبساڭ دوندوپنى 2003 - يىلى 1 - ئايدا ئېتىپ، تېنزىن رىنپوچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈم قىلدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.