تىبەتتىكى قار ئاپىتىدە بىر ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇنلار يارىلاندى

تىبەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە بىر ئادەم ئۆلدى ۋە 2500 گە يېقىن ئادەم ئۈششۈكتىن يارىلاندى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ياققان قېلىن قار سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 24 مىڭ تۇياقدەك چارۋا مال ئۆلگەن. تىبەت ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن دەرھال 18 مىليون يۈئەن مەبلەغ ئاجراتقان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يەنە، چارۋىچىلارنىڭ قىشتىن سالامەت چىقىشى ئۈچۈن، 4 مىليون يۈئەن مەبلەغ ئاجراتقان.

بۇنىڭ ئالدىدىلا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىمۇ قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 مىڭغا يېقىن ئاھالە تەسىرگە ئۇچرىغان. 30 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ماللار ئۆلگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. يەرلىك خەلق، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق قۇتقۇزۇش بويۇملىرىغا جىددىي ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

15 - فىۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھازىرغىچە بەش مىليون 300 مىڭ يۈئەن ياردەم پۇلى يىغىلغان . ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر قىسىم پۇقرالار ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يىتەرسىز بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)