مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر كېلەر ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىدىن دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىنى تەلەپ قىلدى.
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى، تونىي بلايىردىن خۇ جىنتاۋغا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا بېيجىڭدا تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۈتكۈزۈلگەن ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى.
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى باياناتىدا، " بلايىر ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى جەريانىدا بۇ كۈننى تەبرىكلەيدىغان ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇمىز،" دەيدۇ.
شۇ كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تونىي بلايىردىن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرماقتا. ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ - كۆلەمدە ئىجرا قىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىنى ئۈزلىكسىز يولغا قويماقتا. دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇپ، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بەرمەكتە، دەپ تەكىتلىدى. (ئەركىن)