بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە ، تىبەتنىڭ ھۆرىيىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىر نەپەر تىبەت پائالىيەتچىسى تيەنئەنمىن ئەتراپىدا لوزۇنكا چىقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، شىۋىتسارىيە پۇقراسى بولغان ۋاڭپو تىخۇڭ ئىسىملىك كىشى تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ئىنقىلاب تارىخى مۇزىيى ئىشىكى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش لوزۇنكىسىنى چىقارغان. لوزۇنكىغا "خۇ جىنتاۋ سەن بىزنى توسىيالمايسەن" دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ ، ئۇ پائالىيىتىدىن كېيىن تىزلىكتە ۋېلىسپىتكە مېنىپ قېچىپ كەتكەن ھەمدە ھوڭكوڭغا ساق سالامەت قايتىپ كەلگەن.
مەركىزى گىرمانىيىدىكى ياۋرۇپا تىبەت ياشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، مەزكۇر نامايىشچى ۋاڭپو تىخۇڭ خەلقئارا تىبەت قوللىغۇچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئۇ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە 15 مىڭ ساقچى ئاجرىتىپ بېيجىڭدا ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى باستۇرماقتا. (ئەقىدە)