تىبەت دوستلۇقى تەشكىلاتى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلدى


2007.07.12

چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تىبەت دوستلۇقى تەشكىلاتى يېقىندا ھىندىستاندا يىغىن چاقىرىپ، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلدى.

تىبەت دوستلۇقى تەشكىلاتى، مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت تەشكىلاتى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشقا دۆلەتلەردە بىر قانچە شۆبىلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان.

تىبەت دوستلۇقى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان، مەشھۇر تىبەت يازغۇچىسى جايۇڭ لوبۇ ": تىبەت ئەزەلدىنلا بىر مۇستەقىل دۆلەت، 1950 ‏- يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بۇ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ، باشقا مەسىلىلەر 2 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، تىبەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشى، تىبەتنىڭ مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى مەسىلىلەر، ئەڭ مۇھىمى تىبەت ئەسلىدە بىر ئەركىن مۇستەقىل دۆلەت ئىدى" دېدى.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلدى. دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گەرى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن 6 ‏- قېتىملىق سۆھبىتىنى ئېلىپ باردى.

جايۇڭ لوبۇنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭ تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تىبەتنىڭ مۈستەقىللىق مەسىلىسىنى كۆتىرىپ چىقىپ، تىبەت ھەرىكىتىدە بىر قوزغىلىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق تىبەتنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەرنى " مۈستەقىللىق" نىشانى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە يۈزلەندۈرۈش كېرەك ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.