سۈرگۈندىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئاشلىق ئېلان قىلىشى16- كۈنىگە قەدەم قويدى

رادىئومىزنىڭ يېڭى دېھلىدىن ئىگە بولغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، سۈرگۈندىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولغان تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيى قوزغىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى سەيشەنبە كۈنى16 - كۈنىگە قەدەم قويدى.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاشلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقانلار ئىككى نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر تىبەتلەر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يېشى 26 ياشتىن 75 ياشقىچە ئىكەن.

تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيى رەئىسى تەنزىن گېيچى تېسوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، قەرەلسىز ئاچلىق ئېلان قىلىش ، تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ،ئۇلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تىبەت كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش، دالاي لاما بەلگىلىگەن11 - بەنچەن لامانىڭ خەۋىرىنى بېرىش، چىڭ ‏- زاڭ تۆمۈر يولىنىڭ تىبەت خەلقىگە قانداق مەنپەئەت بېرىدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىش، تىبەت ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى 2008 ‏- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى گەرچە ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنى ئاچلىقنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلمىغىچە ئاچلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. (گۈلچېھرە)