جورج بۇش دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تىبەتنىڭ دىنىي ۋە مەنىۋىي داھىسى دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇرج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا بۇش چارشەنبە كۈنى كەچتە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنمىغان. بۇ دالاي لامانىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن 3 - قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ كىلەر ھەپتە خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، دالاي لامانى كۈتىۋېلىشى، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، " بىز ھەر قانداق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرىشىشىگە قارشى تۇرىمىز. ئۇلار دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە سەھنە يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك" دېدى.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلابلىرىنىڭ ، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ خىتاي زىيارىتىگە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئامېرىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان . ئۇ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىدىكى ئالىملار بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، گەرچە ئۆز ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن تۆت قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۆز - ئارا ئىشەنچ ئورنىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى 10 كۈن داۋام قىلىدۇ. (ئارزۇ)