مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مىڭلىغان تىبەت مۇھاجىرلىرى كانادانىڭ زىمىستان سوغۇق كەتمىگەن ئونتارىيو شەھىرىدە، قېلىن قارنى دەسسەپ تۇرۇپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزگەن.
تىبەتلەر بۇ نامايىشتا تىبەت قوزغىلىڭى باستۇرۇلۇپ، دالاي لاما ھۆكۈمىتى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ 49 يىللىقىنى ئەسلىگەن. نامايىشچىلار 'تىبەتلەرگە ئەركىنلىك كېرەك'، ' خىتاي تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن' دەپ توختىماي شۇئار توۋلىغان.
نەق مەيداندىن ئېلىنغان ۋىدىئو ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەزەپلەنگەن تىبەت ياشلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان تىبەت ياشلىرى سوتلىنىشى مۇمكىن. (ۋەلى)