كاتماندۇدا تۇرۇشلۇق تىبەت پاناھلانغۇچىلار مەركىزى پەيشەنبە كۈنى، ئاز دېگەندە ئىككى تىبەتلىكنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى، تىبەتتىن نېپالغا قېچىپ كېتىۋاتقاندا خىتاي چېگرا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بىر قانچە ئادەمنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۈر ۋەقە جۇمالاڭما چوققىسىدىكى بىر ئېغىزدا يۈز بەرگەن ، تىبەت پاناھلانغۇچىلار مەركىزى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، 42 ئادەم تىبەتتىن نېپالغا قېچىپ كىرمەكچى بولغاندا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. قاچقانلار ئارىسىدا ياشانغانلار ، ئاياللار ۋە بالىلار بار ئىكەن.
رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، نېپال خادىملىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. بۇ ئارىدا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، نېپال ھۆكۈمىتىدىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلارغا مەسئۇل خادىملىرىدىن بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.