خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان تىبەت گۈزىلى ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى
2007.12.06
22 ياشلىق " تىبەت گۈزىلى" زى رېنجىڭدا " جۇڭگۇ تىبەت گۈزىلى " دېگەن نام بىلەن گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن چېكىنىپ چىققان زى رېنجىڭدا، پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا مۇخبىرلارغا ":تىبەت ھازىرغا قەدەر جوڭگۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا، ئەركىنلىككە ئېرىشكىنى يوق، شۇڭا مەن "جۇڭگۇ تىبەت گۈزىلى" دېگەن نام بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمەن" دېدى.
زى رېنجىڭدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقە ئويۇشتۇرغۇچىلار جۇڭگۇ تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇنىڭدىن، ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىۋېلىشىنى، بىرى "جۇڭگۇ تىبەت گۈزىلى" دەپ يېزىلغان شەرەپ لەۋھەسىنى بوينىغا ئېسىپ سەھنىگە چىقىشىنى، يەنە بىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان، زى رېنجىڭدا سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ بۇنداق سىياسىي بېسىم بىلەن مەزكۈر مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، " تىبەت گۈزىلى" سايلانغان زى رېنجىڭدا مالايسىيادا "خەلقئارا ساياھەت گۈزىلى " مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن ئىدى.
تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ زى رېنجىڭدادىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق تىبەت ياشلىرىدا بۇ خىل روھنىڭ ئۇرغۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.
بۇ ئارىدا تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، ئىتالىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 11 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. گەرچە دالاي لامانىڭ ئىتالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەمدە رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خىتاي تەرەپ ئىزچىل تۈردە ئۆزى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل شەكىلدە بولسۇن، دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى دالاي لاما مەسىلىسىدە خىتايغا رەددىيە بەردى
- خىتاي، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- تىبەت مالچى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىك ئۆسمۈرلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى