دۈشەنبە كۈنى تىبەتلىك پائالىيەتچىلەر، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئەنگىلىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ئۇنىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خىتاي دۆلەت رە ئىس خۇ جىنتاۋنىڭ ئەنگىلىيىگە قاراتقان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1999 - يىلى ئەينى ۋاقىتدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئەنگىلىيە ساقچىلىرىنىڭ تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى باستۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دىرېكتورى ۋايس رىند، رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بىز خۇ جىنتاۋنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇ قايسى يەرگە بارسا، شۇ يەرگە بېرىپ نامايىش قىلىمىز، دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرى، تىبەتلىك پائالىيەتچىلەرگە، ئەگەر ئۇلار تىنچلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزسە، ئۇلارنىڭ نامايىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار خۇ جىنتاۋدىن دالاي لاما بىلەن ئۇچىرىشىشنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. (قانات)