تىبەتنىڭ دىنى داھىسى دالاي لاما 28 - ئۆكتەبىر كۈنى كانادانى زىيارەت قىلماقچى. كانادادا چىقىدىغان 'دۆلەت پوچتا گېزىتى'نىڭ 9 ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دالاي لاما كەلگەندە كانادانىڭ يېڭى فوندىلەندى شەھىرىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ.
1999 - يىلى بۇ شەھەردە، تىبەتنىڭ 50 يىلدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئەينى ۋاقىتتا كانادانى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى جۇ رۇڭجىنىڭ بېسىمى بىلەن تىبەتلەر چىقارغان دۆلەت بايرىقى چۈشۈرىۋىتىلگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭى فوندىلەندى شەھىرىنىڭ باشلىقى دانى ۋېليامىس ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق رېكورتى ھەققىدە توختالغاندا 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، دېگەن ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ جۇمھۇرىيىتى ئەمەس، ئۇ پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ، بىر ئوچۇم باندېتنىڭ جۇمھۇرىيىتى. ئەمدى دالا لاما كەلگەندە، شەھىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ' دېگەن. شۇنداقلا ئۇ سۆزىدە يەنە 'ئولىمپىك مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بىر ئوچۇم باندىت جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان جايغا بېرىلمەسلىكى كېرەك' دېگەن. (ۋەلى)