خىتاي ساقچىلىرى تىبەتتە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا


2008.03.17

10 - مارت تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە باشلانغان نارازىلىق نامايىشى بۈگۈن بىر ئاز پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامايىشنىڭ تەسىرى ھازىر سىچۇەن، گەنسۇ ۋە چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە رايونلارغا تارالغان بولۇپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسكەر ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكىگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى ئابا ناھىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، مىڭلىغان نامايىشچى ئامما گاردەن ئىبادەتخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى ئېلىپ بارغان ھەمدە بەزى نامايىشچىلار تاش ‏ - كېسەك ئېتىپ ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەينىكىنى چاققان.

مەلۇم بولۇشىچە، تاش ئاتقۇچىلارغا ساقچىلار ئوق چىقارغان بولۇپ، نەتىجىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 8 ئادەم ئۆلگەن.

يەرلىك بىر تىبەتنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە ئاساسەن گەردەن ئىبادەتخانىسىدىكى لامالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

مەزكۇر تىبەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، تىبەتلەر مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىش سەۋەبىدىن ساقچىلار بىلەن راھىبلار توقۇنۇشقان ھەمدە خىتاي ساقچى ‏ - ئەسكەرلىرىدىن بىر نەچچە ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىكەن.

14 - مارت باشلانغان نامايىش توقۇنۇشىنى تىنجىتىش ئۈچۈن خىتاي ئەسكەر ۋە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى تىبەتكە كىرگۈزگەن ھەمدە نامايىشچىلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان ۋە بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە نامايىشىنى توختىتىشى ھەققىدە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ئىدى.

ب ب س دا خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاي قىسىملىرى تىبەتتە ئۆكتىچىلەرنى تۇتۇشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بىر يەرلىك تىبەتنىڭ ب ب س غا تېلېفۇن ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ساقچىلىرى ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن تىبەتلەرنى يەنە قايتىدىن قولغا ئالغان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.