تىبەت مالچى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
2007.11.09
بۇ يىل ئاۋغۇستتا سىچۇەندە قولغا ئېلىنغان تىبەت مالچى ھۆكۈمەتنى پارچىلاش ۋە ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مالچىغا ئارتقان گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت ئىكەن.
تىبەتلىك مالچى روڭگيال ئارداق، دىنىي ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن سىچۇەن ئۆلكىسىدە بۇ يىل ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
باش شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارداق ئۇزۇنغا قالماي جازاغا تارتىلىدىكەن.
ئارداق سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتكە قوشنا رايونى، گېزى ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئاۋغۇستتا لىڭ تان يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئات بەيگىسىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ئات بەيگىسىدە ئارداق سەھنىگە يامىشىپ چىقىپ دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىشىنى ۋە تىبەت مىللىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئىككى تىبەتلىك راھىبنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ شوئار تولغان ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى
- خىتاي ساقچىلىرى لخاسادىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى باستۇردى
- دالاي لامانى تەبرىكلىگەن تىبەت راھىپلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى