تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
2008.03.15

لخاسادىكى بىر تىبەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تىبەت بۆلۈمىگە تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلىشىچە، لخاسادىكى توقۇنۇشلاردا تىبەتلىك نامايىشچىلار، لخاسا شەھىرىنىڭ بارخور رايونىدىكى خىتايلارغا ئائىت پۈتۈن دۇكان ۋە ماگىزىنلارغا ئوت قويۇپ بەرگەن، نۇرغۇنلىغان ماشىنىلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
تىبەتتىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە دالاي لامانى ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، لخاسادىكى ۋەقەلەردە 160 جايغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، 580 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋىلىنغانلىقىنى ۋە ئون كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا، لخاسادا باشلانغان نامايىش ۋە نارازلىق ھەرىكەتلىرى، تىبەتنىڭ ئامدو ۋە كام رايونلىرىغا ھەتتا خىتاينىڭ چىڭخەي ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، شەنبە كۈنى شىياۋخې شەھىرىدە تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا، تىبەتلىك نامايىشچىلار " ياشىسۇن دالاي لاما" دەپ شۇئارلار توۋلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ لىتوڭ، كام ۋە سامىيە شەھەرلىرىدىمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تىبەتلىك نامايىشچىلارغا نارازىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىپ، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنىگىچە ۋاقىت بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ھۆكۈمەتنىڭ دۈشەنبە كۈنىگىچە تەسلىم بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىدىغانلىقى، تەسلىم بولمىغانلارنى، قاتتىق جازالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- ھىندىستان ساقچىلىرى يۈزلىگەن تىبەتلىكنى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ھىندىستاندىكى تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى
- سۈرگۈندىكى تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ھىندىستاندىن تىبەتكە قاراپ يول ئالدى
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- دالاي لاما 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنى ئەيىبلىدى
- خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى