تىبەت مۇستەقىللىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى


2007.05.15

تىبەت مۇستەقىللىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر تەشكىلات 2008 ‏- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن خەلقئارا تىبەتلىكلەر ھەرىكىتىنى قوللاش گۇرۇپپىسى چەتئەلدىكى سەرگەردان تىبەتلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر تەنتەربىيە ئۈمىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى ھەمدە مەزكۇر تىبەتلىكلەر خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن تەنتەربىيە ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا تىبەتلىكلەر ھەرىكىتىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى Lhadon Tethong ‏- " بىز كېلەر يىلى 8 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدا، تىبەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يىغىن مەيدانىغا باشقا سىپورتچىلار بىلەن بىرلىكتە، قەد كۆتۈرۈپ كىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ بىلدۈردى.

گەرچە، ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سپورتچىلار چوقۇم خىتاي ئىچىدىن تاللىنىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، تىبەت تەشكىلاتى يەنىلا ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، تىبەت مۇستەقىللىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇلار ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا جۇمۇلاڭما چوققىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن 5 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى سۈرگۈن قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر بۆلۈكى دەپ كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان تىبەتلىكلەر تىبەتنى ئۇزۇن بىر مۇددەتكىچە،مۇستەقىل ھالەتتە ئىدى - دەپ قارىماقتا. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.