شەنبە كۈنى ھىندىستان ۋە نىپالدىكى تىبەتلىكلەر، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھىندسىتاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدە پوتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى كېلەر يىلى 8- ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىدۇ. يەنى ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ باشلىنىشىغا بىر يىل قالغان بولىدۇ.
تىبەتلىكلەر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قارشى ئورۇنلاشتۇرلغان پوتبول مۇسابىقىسىنى، ھىندىستاننىڭ پايتەختىدىكى ئەڭ چوڭ پوتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. لېكىن تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مۇسابىقىنىڭ مەزكۇر مەيداندا ئۆتكۈزۈلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. شۇڭا تىبەتلىكلەر پوتبول مۇسابىقىسىنى بىر ئالىي مەكتەپ مەيدانىدا، ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاسىتىدا ئېلىپ بارغان.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،"تىبەتنى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتۇرايلى"!دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان، لوزۇنكىلارنى كۆتەرگەن 2000 غا يېقىن تىبەتلىك پوتبول مەيدانى ئەتراپىدا تىبەتنىڭ مىللىي بايراقلىرىنى جەۋلان قالدۇرۇپ، تىبەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. تىبەت تەشكىلاتلىرى بۇنداق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ كۆپ تىبەت مەسىلسىگە تارتىشنى مەقسەت قىلماقتا.
2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەن مەزگىلدە، تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
تىبەتلىكلەر ، ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ باشلىنىشىغا بىر يىل ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش يۈز بەرمىگەن، ھەتتا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. (ئۆمەر قانات)