سىچۈەندىكى گۇمانلىق ئۆت كېتىش ۋەقەسىدە خەلق قۇرۇلتىيى بىناسى كۆيۈپ كۈل بولدى

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئاساسەن تىبەتلىكلەر ئولتۇراقلاشقان كارزە ۋىلايىتىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى بىناسىغا ئۆت كېتىپ، بىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان . ئوت كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان . لېكىن كارزە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بولغان تىبەتلىكلەر بىناغا ئوت قويۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغە قەدەر ھېچكىم قولغا ئېلىنمىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، ئۆت كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . لېكىن ئۇلار ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى .

ئوت كىتىش ۋەقەسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىدىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، كارزە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىناسىغا ئوت كىتىش ۋەقەسى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يىرىم كىچە سائەت 1 بىلەن 2 ئارىسىدا يۈز بەرگەن .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر رايوندا يىقىندىن بىرى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىلىشقا باشلىغان . ھەتتا خەلق قۇرۇلتىيى بىناسىغا يېقىن بىر جايغا جايلاشقان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىمۇ تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلغان. (ئەقىدە)