ئىككى نەپەر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى بىلەن ئىپادىلىدى


2008.01.10

تىبەتتە جېچىڭ زېبا لوساڭ ۋە ياڭبا گاچىڭ لوچۈ ئىسىملىك ئىككى نەپەر ياشانغان لاما مۇرىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرى ئاستىدا ئارقا - ئارقىدىن ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، جېچىڭ زېبا لوساڭ، ئۆتكەن يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئۆلۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇرىتى تىبەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مۇرىتى بىلەن بىرگە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىغا ئېلىنغان. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى داۋاملىق ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندىن سىرت ئۇلارنى ئۇرغان ھەمدە ھاقارەتلىگەن. جېچىڭ زېبا تىبەت لاما دىنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللىۋالغان.

يەنە بىر ياشانغان لاما مۇرىتى ياڭبا گاچىڭ لوچۈ، ئۆتكەن يىلى بۇدىزمغا ئائىت نەزىرىيىلەرنى بېسىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسىي مەسىلە پەيدا قىلغان دېگەن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ، ئوخشاشلا نازارەت قىلىش ۋە ھەر خىل بېسىم تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان. ياڭبا گاچىڭ لوچۇمۇ خىتايلارنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى ئائىلىسىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالغان.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە تىبەت لاما دىنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش جىنايەت ھېسابلىنىپ چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان تىبەتلەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىلىرى خېلى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.