ب د ت خادىمى نېپالدىكى تىبەتلەرنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن سۆھبەتلەشمەكتە

نۆۋەتتە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك خادىمى كاتماندۇدا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن، 5 مىڭ تىبەت كۆچمەنلىرىنى ئامېرىكىغا يۆتكەش مەسىلىىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ ئارىدا خىتاي، مەزكۈر تىبەت سۈرگۈنلىرىنى ئامرىكىغا يۆتكەش مەسىلىسگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، 2005 ‏- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نېپالدا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان 5 مىڭ تىبەتلىكنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، يەرلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى تۈپەيلى، مەزكۈر پروگرامما ۋاقتىدا بېجىرىلمىگەن. ھازىر نېپالدا 20 مىڭ تىبەت سۈرگۈنى ياشايدۇ.

نېپال مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىكلەرنى ئامېرىكىغا يۆتكىشىگە قارشى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ داۋېي باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، مۇشۇ ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى كاتماندۇغا زىيارەتكە ئەۋەتىدىكەن. 5 مىڭ تىبەتلىكنى ئامېرىكىغا يۆتكەش مەسىلىسى، دەل مەزكۈر ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى ھېسابلىنىدىكەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى": ئامېرىكىدىكى تىبەتلىكلەر، ئاكتىپلىق بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ تىبەتلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ياشىشىنى خالىمايدۇ" دېدى. (ئەقىدە)