ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايدىن تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2004.12.08

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سەم برونبەك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، "ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر جىنايىتى تىبەت جەمئىيىتى ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن دىنىي جەھەتتىن خىزمەت قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ" دېدى.

برونبەك ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ بېسېۋېلىشىغا قارشىلىغىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەۋاتقان گۇناھسىز تىبەتلىك دىنىي زاتلارنى جازالاشنى توختىتىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 12 - ئايدا تىبەت راھىبى 52 ياشلىق تېنزىن رىنپوچى بىلەن 28 ياشلىق لوبساڭ دوندۇپنى سىچۇئەننىڭ گەنزى دىگەن يېرىدە پارتلىتىش سادىر قىلغان دەپ ئەيىپلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇنداقلا لوبساڭ دوندوپنى 2003 - يىلى 1 - ئايدا ئېتىپ، تېنزىن رىنپوچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈم قىلدى.

ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ بېشى، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تىبەت راھىبىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.