15 يىل تۈرمىدە ياتقان تىبەت راھىبەسى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

15 يىل خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان تىبەت راھىبەسى فۇنسوڭ نيىجون خىتايدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىنىپ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

38 ياشلىق فۇنسوڭ نيىجون 2004‏- يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەركىن پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن ھەمدە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىشىمۇ رەت قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشىدىن بۇرۇن بولغان. ئامېرىكىدىكى سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون كەم، راھىبەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ خۇنىڭ زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فۇنسوڭ نيىجون سان-فرانسىسكوغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدەك بىر ئەركىن دۆلەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇنسوڭ نيىجون 1989‏- يىلى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان" دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. فۇنسوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان ھەمدە سالامەتلىكى ناچارلاپ كەتكەن. (پەرىدە)