خىتاي ھۆكۈمىتى بەش نەپەر تىبەت راھىبىغا قاماق جازاسى بەردى

چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالدىكى تىبەتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بىر تۈركۈم تىبەت راھىبى ۋە راھىبەلىرىنى تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ 18 ئايدىن 3 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 5 نەپەر راھىب ۋە راھىبە، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ئەنئەنىۋى تىبەت رايونىدا ياشايدىغان پۇقرالار بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرغان ۋە خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2005- يىلى 5 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىككىسى راھىب، ئۈچ نەپىرى راھىبە ئىكەن.

مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، " ئۈچ نەپەر بۇددىست راھىبەسى بىلەن ئىككى نەپەر بۇددىست راھىبى، تىبەت مەسىلىسى ھەل بولمىغىچە خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان " دەيدۇ. ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ 5 نەپەر كىشى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىككە ياردەم بېرىش، نارازىلىق خېتى يېزىپ، تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى چىقىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. (ئەركىن)