تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق قىسىملىرى چىڭخەيدە توقۇنۇشتى


2005.06.02

يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن چىڭخەينىڭ زادو ناھىيىسىدىكى نەچچە مىڭلىغان تىبەتلەر، خىتاي ساقچى قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە 5 - ئاينىڭ 20 ۋە 21 - كۈنلىرى يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ بەزى ئىشخانىلىرىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن ھەمدە ئېتىشىش يۈز بەرگەن. ئەمما توقۇنۇشتا ئادەمنىڭ زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.

زادو ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇنداق بىر توقۇنۇشنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق ئۇ ۋەقەنى "جىددىي ئەمەس" دەپ تەسۋىرلىگەن.

تىبەت بۆلۈمىمىزنىڭ يەرلىك پۇقرالاردىن ئىگىلىشىچە، توقۇنۇش، زادو ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلار خوشنا تىبەت رايونلىرىدا قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكىنى يىغىشنى خالايدىغان يەرلىك تىبەتلەردىن 1500 يۈئەن باج ئالغان. ئەمما يىغىلغان پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرمىغان. بىر نەچچە تىبەتلىك دورا ئۆسۈملۈكى تېرىماقچى بولغىنىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى چەكلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ساقچىلارنى چاقىرىپ، تىبەتلەرنى باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن زادو ۋىلايىتىدىكى نەچچە مىڭلىغان تىبەتلەر ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

زادو ناھىيىسى تەۋە بولغان چىڭخەينىڭ يۇشۇ ۋىلايىتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 98٪ ئى تىبەتلەر. بىراق بۇ ۋىلايەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىدە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تەۋەلىكىگە بۆلۈنگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.