خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان تىبەتلەرنى باستۇرۇپ تىنجىتقان
2007.06.26
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى گەنزى زاڭزۇ ئوبلاستىدا نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلەر ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان ئىلاھىي تاغدا دائىرىلەرنىڭ كان بايلىقلىرىنى قېزىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇش مۇۋاپىق ھەل قىلىنىپ بېسىققان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە 27- ماي گەنزى تىبەت ئوبلاستىنىڭ بامېي يېزىسىدىكى 300 دەك تىبەت ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئامما ساقچى ھەمدە كان بايلىقلىرىنى ئېچىش شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئۆرۈپ، بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنى يارىلاندۇردى. 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن بۇرۇن دائىرىلەر ساقچى كۈچى بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ بەش نەپەر توپىلاڭچى تىبەتنى قولغا ئالدى" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەمما رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقەگە قاتناشقان بىر نەپەر تىبەتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشگە قارىغاندا،ئەينى ئەھۋال شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلغىنىدەك ئۇنداق ئاددى بولماستىن، بەلكى بامېي يېزىسىدا تىبەتلەر بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر قىسىم ئامما جېنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلمىگەن. سەككىز نەپەر تىبەت يېزا ئاقساقاللىرى سىچۇەنگە ئەرز قىلغىلى كەتكەنچە ئىز دېرىكى بولمىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سىچۇەندىكى بۇ تىبەت يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تىنجىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئەمىليەتتە خەلقنىڭ نارازىلىقى تېخى بېسىقمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى كان بايلىقلىرىنى ئېچىۋاتقان بامېي يېزىسىغا جايلاشقان يالا تېغى، تىبەت بۇددا مۇرىتلىرى چوقۇنىدىغان توققۇز ئىلاھىي تاغنىڭ بىرى بولۇپ، تىبەتلەر بۇ تاغدا بايلىق ئېچىشنىڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن نارازى بولغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى تىبەتلەرگە دىني، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشىتىمۇ يۇقىرى بېسىم ئېلىپ كەلگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تېبەت ئاپتونوم رايون رەئىسى، دالاي لامانىڭ تولۇق ئاپتونومىيە تەلىپىگە قارشى تۇرماقتا
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيىدە زىيارەتتە بولدى
- ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالايلامانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماسلىق تەلىپىنى رەت قىلدى
- دالاي لاما تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ 15 يىل ئىچىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
- خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئەمەلدارى دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە چاتتى
- تىبەت مۇستەقىللىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تىبەت ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- رىچارد گىپېر ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىدىن تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم تەلەپ قىلدى