سىچۈەندە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان يۈزلىگەن تىبەتلىك قولغا ئېلىندى


2007.08.03

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان يۈزلىگەن تىبەتلىك خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە سىچۈەننىڭ لىساڭ ئېتنىك تىبەت رايونىدا چارشەنبە كۈنى يەرلىك تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئات بەيگە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى جەريانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دەرھال بىر تەرەپ قىلىنغان.

بەيگە مۇسابىقىسى جەريانىدا 53 ياشلاردىكى رۇڭگيې ئاداك ئىسىملىك بىر تىبەت پۇقراسى يەرلىك تىبەتلىكلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ قايتمىغىچە تىبەتتە ھەقىقىي دىنىي ئەركىنلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بەزى تەخمىنلەردە بەيگە مۇسابىقىسىغا قاتناشقان 200 دەك تىبەتلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن لىساڭ رايونىدىكى ھەربىي ۋە ساقچى پونكىتى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، رۇڭگيې ئاداكنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن چېتىشلىغى بارلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلار ئاداكنىڭ سۆز ‏- ھەرىكىتى دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قارىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇڭگيې ئاداك نۇتقىدا يەنە بەنچەن لاما ۋە تەنزىن دېلېگ رىنپوچىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. 1995 -يىلى 6 يېشىدا دالاي لاما تەرىپىدىن بەنچەن لامانىڭ ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلىنغان گېدۇن چوكيې نيىما، 12 يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. تەنزىن دېلېگ رىنپوچى بولسا شۇ جايدىكى ئىناۋەتلىك لامالاردىن بېرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.