تىبەت نامايىشچىلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش - كېسەك ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى
2008.03.31
31 - مارت دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنت سارىيى - ئاقساراي ئالدىدا ۋە ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا تىبەتلەر ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى ھەمدە نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە تاش - كېسەك ئېتىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
نامايىشقا 500 دەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، دەسلەپ ئۇلار ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن نامايىشنى ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ ئاۋات ئايلانمىلىرىدىن بىرى دۇپون سىركولغا يۆتكىدى.
گەرچە بۈگۈن ۋاشىنگتوندا يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قوللىغۇچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن يامغۇرلۇق ۋە چۈشلۈك تاماق تارقاتتى.
نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، دەسلەپ خىتايغا قارشى "خىتاي تىبەتتىن چىقىپ كەت!"، "تىبەتكە مۇستەقىللىق!"، "شەرمەندە خىتاي!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى، كېيىن نامايىشچىلار تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ، قوللىرىغا بوتۇلكا، قىش پارچىلىرى ۋە تاشلارنى ئېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى.
نەتىجىدە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بەش كۆز دېرىزىسى چېقىۋېتىلدى ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېسىقلىق خىتاي بايرىقىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ياماشقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.
نامايىشنىڭ شەكلى ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا 200 چە ئامېرىكا ساقچىسى كەلدى ۋە تۆت ئەتراپنى قامال قىلىپ بىناغا ياماشقان ۋە بەزى تاش ئاتقۇچىلاردىن بولۇپ 5 - 4 نەپەر تىبەت نامايىشچىنى قولغا ئالدى، ئەمما باشقا نامايىشچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تىبەتتە 400 دىن ئارتۇق تىبەتلىكنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرالىرىدا "چېگرا مۇداپىئەسى 110 " ناملىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزگەن
- لخاسادا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى
- تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- لخاسا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 21 نەپەر تىبەتلىك ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇن خىتاينى تىبەتتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈندىدى
- كوسوۋادا ب د ت تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بىلەن سېربلار توقۇنۇشتى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى