خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، غەربىي رايونلارغا زور مىقداردا قوشۇمچە ھەربىي قىسىملار يۆتكىمەكتە.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ تىبەت بىلەن چېگرىداش بولغان ۋە بىر قەدەر كۆپ تىبەتلىك ياشايدىغان سىچۇەن ئۆلكىسىگە نۇرغۇنلىغان ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرغان.

سىچۇەن ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئورۇنلاشقان رايونلىرىغا كۆپلىگەن ئەسكەر ۋە ئېغىر قوراللار يۆتكىگەن.

ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۇەننىڭ نىگاۋا ناھىيىسىدە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى كانايلار بىلەن يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر ناھىيىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەنلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرماقتا.

تىبەتنىڭ مەركىزى لىخاسا شەھىرى ۋە ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 100 دىن ئوشۇق تىبەتلىك قوزغىلاڭچى تەسلىم بولغان. (ئۆمەر قانات)