تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيمەكتە
2008.03.19
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يولغا قويغان باستۇرۇش ھەرىكىتى، بىر تەرەپتىن خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قىستىشىغا سەۋەب بولماقتا.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بولسا، ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.
چارشەنبە كۈنى رىم پاپاسى، 16 - بېنىدىكت تۇنجى قېتىم تىبەتتىكى قوزغىلاڭ ھەققىدە توختىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىبەت خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى سۆھبەتكە چاقىردى.
رىم پاپاسى باياناتىدا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ ئەكسىچە، تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۈ، دېگەن.
بۇ ئارىدا، دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، تىبەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ 74 پىرسەنتى، فرانىسيە خەلقىنىڭ 75 پىرسەنتى ۋە ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ 63 پىرسەنتى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياستىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇن خىتاينى تىبەتتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈندىدى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- خىتاي ساقچىلىرى تىبەتتە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
- دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
- خىتاي يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى بېكىتى
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- خىتاي دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەمچى بولۇش بىلەن ئەيىپلەندى
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى