خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تىبەتكە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى چەتكە قاقتى

خىتايلار بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان شۇنداقلا دالاي لاما تۇغۇلغانلىقىنىشڭ 70 يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تىبەتكە قايتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بىشارىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جيەنچاۋ، دالاي لاماغا قويۇلغان شەرتلەردە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئۇ تىبەت بىلەن تەيۋەننى جوڭگونىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلغاندىلا، مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ كېلەچىگى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ،" دېدى. شۇ كۈنى دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ساڭدوم رېنپوچى، دالاي لامانىڭ ھايات چېغىدا تىبەتكە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ تەكىتلىگەن.

دالاي لاما چارشەنبە كۈنى 70 ياشقا كىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 6 - ئاينىڭ 30 ۋە 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنلىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن شىۋىتسارىيىدە مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ليۇ جيەنچاۋ، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىدى. ئەمما ئۇ، " يېقىندا مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار دائىرىلەر دالاي لاماغا يېقىن كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن يىتەكچىلىك قىلغان. تىبەت تەرەپكە دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لودى گيارى يىتەكچىلىك قىلدى. (ئەركىن)