تىبەت ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى سەددىچىن سېپىلىگە تىبەتكە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە لوزۇنكا ئاستى


2007.08.07

تىبەت ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى يەنى 7 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىكى سەددىچىن سېپىلىغا 42 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى لوزۇنكىسى ئاسقان بولۇپ ، لوزۇنكىغا " پۈتۈن دۇنيادا بىر ئارزۇ ، 2008 - تىبەتكە ئەركىنلىك " دېگەن شۇئار يېزىلغان ئىكەن.

مەزكۇر شۇئارنى ئېسىپ سەددىچىن سېپىلىدا نامايىش قىلغان ئالتە نەپەر تىبەت ئىككى سائەتتىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن .

فرانسىيە ئاخباراتى مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ ، ئۇلار مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ ھازىرچە قولغا ئېلىنغان نامايىشچى تىبەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

بۇ يىل ئاپرىلدىمۇ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەش نەپەر تىبەت جۇمۇلاڭما چوققىسىدا تىبەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش ھەققىدە شوئارلارنى ئاسقانلىقى ئۈچۈن خىتاي چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشى ھارپىسىدا تىبەت ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدا كۈچەيمەكتە. ئالدىنقى ئاي ھىندىستاندا بىر قانچە ئونلىغان تىبەتلەر بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزىشىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، يېقىندا يەنە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش تەلىپىنى سۇنغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.