خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان 6 نەپەر تىبەت مۇستەقىلچىسى، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېگرىدىن ھايداپ چىقىرىلدى.
مەركىزى نيۇيوركتىكى " ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 6 تىبەتلىك مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خىتايدا ئىككى كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن.
ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىش ئېلىپ بارغان 6 تىبەتلىك ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا پۇقرالىرى، ئۇلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا تاياق زەربىسىگە ئۇچرىمىغان، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئېلىپ بېرىلغان سوراق، ئۇلارنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
" ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتى" نىڭ ئەزالىرى، سەددىچىن سېپىلىگە 42 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى " بىر دۇنيا ، بىر غايە، تىبەت مۈستەقىللىقى 2008 دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى ئاسقان.
بۇ يىل 4 - ئايدا، ئامېرىكا پۇقرالىغىدىكى 5 تىبەتلىك، تىبەتتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوخشاش لوزۇنكىنى ئېسىپ، نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.
گەرچە تىبەتنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل تۈردە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن تىبەتلىكلەر يەنىلا مۇستەقىللىققە يېتىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)