خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
2007.08.10
كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، دالاي لاماغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان تىبەت كادىرلىرىدىن نەچچە ئونلىغان كىشىنى خىزمىتىنى ئېلىپ تاشلىغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سەۋەبتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان.
خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، بۇ يىل 7 ئايدىن بېرى تىبەتتىكى 74 ناھىيىدىن 54 نەپەر يەرلىك پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدىن خىتاي كادىرلارنى يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " جۇڭگو يېقىندىن بېرى ئېتنىك تىبەت كادىرلىرىغا ناھايىتى ئاز ئىشىنىدىغان بولدى. پارتكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چىڭلى يېقىندا تىبەت كادىرلىرىنى دالاي لامانى پاش قىلىش ۋە تەنقىت قىلىش ھەرىكىتىنى يېتەرلىك تۈردە ئېلىپ بارمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن،" دەيدۇ.
جاڭ چىڭلى، تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىس ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى 17 ئۆلكە ۋە شەھەردىن كەلگەن 853 نەپەر پىدائىي خىتايلار ئىچىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىقىغا ئاتىغان. مەزكۇر تەشكىلات يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، 000، 10 دىن ئارتۇق كىشىنى تىبەتكە كېلىشكە قىزىقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا دالاي لامانىڭ 4 كىشىلىك ۋەكىللەرئۆمىكىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سەددىچىن سېپىلىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن تىبەتلەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى
- تىبەت ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى سەددىچىن سېپىلىگە تىبەتكە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە لوزۇنكا ئاستى
- تىبەتلىكلەر 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- سىچۈەندە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان يۈزلىگەن تىبەتلىك قولغا ئېلىندى
- بېيجىڭ : دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئىشىكىمىز داۋاملىق ئوچۇق
- دالاي لاما ۋەكىلى: خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى
- سۈرگۈندىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئاشلىق ئېلان قىلىشى16- كۈنىگە قەدەم قويدى
- تىبەت دوستلۇقى تەشكىلاتى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلدى